شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكارم XX ، ئەر ، ئۇيغۇر،1999-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529221999 ، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ 1-دىۋىزيە ئاقسۇ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايۇنىX بازىرى X-پولىك مىللي تارماق مەيدان X-ئەتىرەت Xكۇچا X-نۇمۇر ،تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە دىېھقانئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن2019-يىلى 12 -ئاينىڭ 31-كۇنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ شۇ كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكارم XX نىخەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكارم XX 2019-يىلى 12 -ئاينىڭ 25 -كۇنى، سائەت 20:19 ئەتراپىدا ،ھاراق ئىچكەندىن كىيىن پىراۋىسىز،نومۇر تاخىتىسى ۋە يوليۈرۈش كېنىشكىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ،دۆلەت يولى 314-لىنيە 935كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىدە موتسىكىلىتىنى توختاتقاندا،ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرەت ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقالغان. جاۋاپكارم XX نىڭ قان ئەۋرىشكىسنىئەدلىيىلىك باھالاشيەكۈنىدەقان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml117.74غا يەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارم XX نىڭھاراق ئىچىپمەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكارم XX نىڭجىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارم XX نى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر
پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكارمXXھازىرئائىلىسىدە
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论