شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 97-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0717 **652925. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تۆمۈرچى، ماسسا، ** ناھىسىدىن، ** يېزا ** كەنت *-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار م**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 99-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار م** 2020-يىلى3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 23:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئالتۇن بۈركۈت سودا بازىرىدىكى ئاغىنىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىگە كىرىپ ئون ئىككى ئادەم ئىككى بوتۇلكا ئاق ھاراق ئىچىپ بولغاندا، م** ئالتۇن بۈركۈت سودا بازىرىنىڭ ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان 新N7574M نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ئا**، ئا** قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ توقسۇ-شايار يولىدا جەنۇبتىن شىمالغا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، توقسۇ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى م** ھەيدىگەن ماشىنىنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، م**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنى بايقاپ، م**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 877-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: م**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 190 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋالىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار م**گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : گۇلەم تاش
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020يىلى4-ئاينىڭ 7-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论