欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某危险驾驶罪案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-19 独角龙 评论0

且末县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلاشنامسى

چ ت ج ئەيىپلەش (2020) 60- نومۇرلۇق

جاۋاپكار مە***، ئەر، ئۇيغۇر، 1990- يىلى **– ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، (كىملىك نۇمۇرى: ********6528251990)، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇۇشلۇق ئورنى چەرچەن ناھىيە *** يېزىسى ** كەنتى **- گۇرۇپ **- نۇمۇرلۇق قورو، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن. 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىىز تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار مە***نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسنى چەرچەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020–يىلى 4–ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ، پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار مە*** مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار مە***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. 

جاۋاپكار مە*** 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 22:30 لار ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ نامىدىكى ****MH نۇمۇرلۇق كۈمۈش رەڭلىك نىسسان ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنسنى ھەيدەپ، چوڭكۆل يېزا چوڭكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دوستى قۇ***نىڭ ئۇيىگە بېرىپ، دوستى قۇ*** بىلەن بىرگە  يېرىم بوتولكا قىزىل ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيىگە قايتىپ كىتىش ئۇچۇن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش پىراۋۇسى يوق تۇرۇقلۇق ئوزىنىڭ MH**** نۇمۇرلۇق كۈمۈش رەڭلىك نىسسان ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىغا  دوستى قۇ***نى سېلىپ دۆڭمەھەللە كەنتىگە قاراپ مېڭىپ، چوڭكۆل يېزا چوڭكۆل ساقچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ  يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كادىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان .

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019]6832-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار مە***نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 91 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار» دەپ  ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .

  يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :

دېلودىكى‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2019] 6832- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

   مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:

جاۋاپكار مە***نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى يوق تۇرۇقلۇق،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1- تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ،شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار مە***غا بىر يېرىم ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 3000 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ،تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر . 

 

تەپتىش:  قەمبەرنىسا ئەمەت 

2020- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى

   ئىزاھات :

1› جاۋاپكار مە*** ئائىلىسىدە كېپىلدە،

2› دېلو ئارخىۋى بىر توپلام 

3› ئەيىپلاشنامە8 نۇسقا،  دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىر نۇسقا .

4› گۇناھىنى تۇنۇپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېپىللىك خېتى دېلو بىلەن قۇشۇپ ئوتكۇزۇپ بىرىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top