欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某危险驾驶罪案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

且末县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلاشنامسى

چ ت ج ئەيىپلەش (2020)167- نومۇرلۇق

   جاۋاپكار مە****، ئەر، ئۇيغۇر، -19**يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇى:65282519**********، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋېيىسىگە ئىگە، چەرچەن ناھىيلىك قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ ئىشچىسى، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيىسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق  ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ**** يۇلى**** رايۇنى-**بىنا-**ئىشىك** -نومۇر،2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن،  ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان . 

جاۋاپكا مە***نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسنى چەرچەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020–يىلى 11–ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ، پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار  مە***  مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار مە***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. 

جاۋاپكار مە*** 2020-يىلى04-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت01:27لار ئەتراپىدا ،ھاراق ئىچىپ  ئوزىنىڭ E***M -نۇمۇرلۇق كىچىك تىپلىق ماشىننى ھەيدەپ چەرچەن ناھىيە ئېسسو- تارىم شىمالىي *** بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدىكى يول بولەككە كەلگەندە، شۇ يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان 27-خەلىققە قۇلايلىق ساقچى فونكىتىدىكى كادىر- ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020] 1579- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە«  جاۋاپكار مە***نىڭ ھەر 100مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە214 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار دەپ  ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .

  يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :

دېلودىكى‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى،  چەرچەن ناھىىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020]1579- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.

   مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:

جاۋاپكار مە***يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ،شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار مە***غا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر . 

تەپتىش:  قەمبەرنىسا ئەمەت 

ياردەمچى تەپتىش: رۇزى پولات

2020- يىلى 11- ئاينىڭ 24 - كۈنى

   ئىزاھات :

1› جاۋاپكار مە*** ئائىلىسىدە كېپىلدە،2› دېلو ئارخىۋى بىر توپلام  ،3› ئەيىپلاشنامە8 نۇسقا،  دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىر نۇسقا . 4›  جىنايىتىنى تۇنۇپ،  جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى دېلو بىلەن قۇشۇپ ئوتكۇزۇپ بىرىلدى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top