乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھيە بازىرى XX يولى XX-كوچا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، رېمنۇتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيىدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 23:30 ئەتىراپىدا XX شەھەر ئۈچىنچى رايۇندىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى تونىمايدىغان بىر نەچچە كىشىلەر بىلەن ھاراق ئىچىپ 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 02:00 ئەتراپىدا ھاراق دۇكىننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان يەتتە كشىلىكXX نۇمۇرلۇق XX بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ماشىنىنى ھەيدەپ XX بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى تەرەپ يول بۆلىكگە كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىللار تەرىپىدىن بايقانغان.جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى «مXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 176.74 مىللىگىرام» دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار م XXمەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى، تېز كىسىم تەرتىۋى بۇيىچە سوتلاشقا قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىۋىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىسلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىسلار قانۇنى» 15-ماددىسدىكى بەلگىلىمىسگە ئاساسەن جاۋاپكار مXXغا گە ئۈچ ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات: (1) 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论