乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕365号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) 365-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxx652927، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا x-كەنىت x-مەھەللىدە ئولتۇرشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانلانغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىدۇق ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۈتتۇق. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار مەxx قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئىرىشىش مەقسىتىدە 2018-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا باشقىلارغا «ھاراق ئچىپ ماتۇلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشنى پۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىمەن» دەپ ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ 49000.00 يۇەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋالغان، تەپسىلى جىنايەت قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. جاۋابكار مەxx 2018-يىلى 8-ئايلاردا ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان قىلمىشىنى «پۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنشكىسنى قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىن ئېلىپ چىقىپ بېرىمەن» دەپ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ 3 قېتىمدا زىيانلانغۇچى تۇxxنىڭ جەمئى 28000.00 (يىگىرمە سەككىزمىڭ يۇەن) يۈەن پۇلىسنى ئالداپ ئېلۋالغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
2. جاۋابكار مەxx 2018-يىلى 10-ئايلاردا ئۇچتۇرپان ناھىيە xx بازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان قىلمىشىنى پۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنشكىسنى قاتناش ساقچى ئەتىرتىدىن ئېلىپ چىقىپ بېرىمەن دەپ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ 2 قېتىمدا زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ جەمئى 21000.00 (يىگىرمە بىرمىڭ يۇەن) يۈەن پۇلىسنى ئالداپ ئېلۋالغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
دېلونىڭ پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راسىت ھەم تولۇق.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلىمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت
پۈتكۈچى: پەزىلىيە سەمەت
2020يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论