ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش )2020397(-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، كىملىك نومۇرى: 6529011987XXXXXXXX، ئاXX شەھەر XX ئولتۇراق رايونىXX-بىنا 2-كورپۇس 501-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق كۇرس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، شىنجاڭ XX ئىدارىسى XX-ئىستانىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، -2020يىلى -9ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مXX2020-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 02:00 لەردە ئەتراپىدا ئاXX شەھەر XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز 125 گىراملىق جىنجۇ ھارىقىدىن 2 بوتۇلكا ئىچكەندىن كېيىن ئۆيىدە ئۇخلاپ ئارام ئېلىپ، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:10 لەردە ئاXX شەھەر XX ئولتۇراق رايونى XX-بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NXXXXK نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، XX ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، ئەتراپتىكى چارلاش ئېلىپ بىرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقىلىپ، قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 217.22 مىللىگىرام (217.22mg/100ml) چىققان بولۇپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ -133ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ -15ماددىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: نXX
مۇۋەققەت تەپتىش: ئېXX
-2020يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13899XXXXXX، 13899XXXXXX
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论