欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某的危险驾驶罪案件)(自然人犯罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检公诉刑诉〔2019〕3367号 

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019)3367-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مە xx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927xx639، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن  خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قايتا باشتىن كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىد.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، جاۋابكار بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مەxx 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا بازىرىدىكى تاxxنىڭ دىباسىدا شۈxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە بارغان، ئاندىن تۇنۇشى رەxxنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۈيىدىن ئۈزىنىڭ ماشىنسىنى )پىراۋىسى بار) مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ رەxxبىلەن ئۇچىراشقاندىن كىيىن، ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەپ ياكۆۋرۈك يېزا 3-كەنىت كومېتىتىنىڭ ئالدىغا بارغاندا، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى ماددى ئىسپات تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «جاۋابكار مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 193.43مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنىغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش، قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك.جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 2-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.xx

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top