欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某的危险驾驶罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 独角龙 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕590号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) –نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx–يىلى xx–ئاينىڭ xx–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلىپ، كىپىللىك مۇددىتى تۇشۇپ قالغانلىقتىن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن يېڭى باشتىن كىپىلگە بىرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مەxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 00:30 ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئەتگىنى سائەت 10:35 ئەتراپىدا xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى مەسىت ھەم پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ، ئۈچتۇرپان ناھىيە يېڭىئاۋات يېزا 7-كەنىت 1-مەھەللە تەۋەسىدىكى يول بۈلكىگە كەلگەندە، جاڭ xx ھەيدەپ ماڭغان ئۈچ چاقلىق بېڭ بېڭ چې بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 103.35 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يول قاتناش ھادىسى ئېتراپنامىسىدا «جاۋابكار مەxx ئاساسلىق مەسئۇليەتنى، جاڭ شىڭلى قۇشۇمچە مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 2 ئاي 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

 

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

 

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top