شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 92 - نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مXX ، ئەر ،ئۇيغۇر، 31ياش ، سالاھيەت گۇۋاھنامىسنىڭ نۇمۇرىى: 652901XXXXXXXX، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، ئاقسۇ شەھەر XX رايۇنى XX-نۇمۇر ئولتۇرۇشلۇق ، كەسپى : دىھقان ،2009-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىق خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن 6ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن .2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى زاڭ مالنى يۇشۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن1يىل 2ئايلىق مۇددەتلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن .2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 579-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مXX 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 19 لەر ئەتراپىدائۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۈزىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ئاقسۇ شەھەر X-ئەترەتتە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى تXXنىڭ ئېتىزىنىڭ قىرىغا قۇيۇپ قويغان 6463 يۈەن قىممىتىدىكى XX ماركىلىق ماشىنىنىڭ بىيەنسۇشىياڭ ، بېك ماركىلىق ماشىنىنىڭ گاڭتى، سۇ تارتىش پومپىسى ،كىران ماشىنىنىڭ تۈمۈر ئىلمىكى قاتارلىق سايمانلارنى ئوغۇرلىغان ، كىيىن ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى ئۈزىنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىغا بىسىپ خۇڭچىپو X-ئەترەتتىكى تاشلىۋىتىلگەن نەرسىلەرنى يىغىش ئورنىغا ئاپىرىپ تۇنىمايدىغان XX يولداشقا 280 يۈەنگە سىتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسىلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论