欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(麦某某盗窃罪案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-24 独角龙 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 576-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXXXX65292219، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيەXX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپلگە بېرىلگەن.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار مXX چېتىشلىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

جاۋابكار مXX، زىيانلانغۇچى ئېXX، قXX قاتارلىقلار، زىيانلانغۇچى ئېXXنىڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق ئائىلە ئاپتۇموبىلدا 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 23 دىن باشلاپ شۇ كەنىت رايۇنىدا چارلاش ئېلىپ بارغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 8 لەر ئەتىراپىدا قXX ئاپتۇموبىلدىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن. زىيانلانغۇچى ئېXX ئاپتۇموبىلدا ئۇخلاپ قالغان. جاۋابكار مXX سۆزلىشىش ئاپىراتى (对讲机) غا توك قاچىلاش ئۈچۈن، ئاپتۇموبىلنىڭ شوپۇر ئورنىنىڭ يان تەرىپىدىكى ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدە نەق پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى ئېXX ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، 6100 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، يالغاندىن ئۇخلىغان بۇلىۋالغان. زىيانلانغۇچى ئېXX ئويغانغاندىن كىيىن، مXX ئۆيىگە قايتىپ تاماق يىيىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئونسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى ئۆيگە قايتىپ كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئېXXنىڭ ئاپتۇموبىلىنىڭ ساندۇقىدىن ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان پۇلنى ئۆيدىكى يوتقان–كۆرپىسىنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قويغان.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار مXXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 264-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

   ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                       تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                      پۈتۈكچى: تاھىرجان تۇنياز

                     2020-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى

【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار مXX ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top