شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 581-نۇمۇرلۇق
1.جاۋاپكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19ياش، كىملىك نۇمۇرى:6529011999XXXXXXXXيۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، تۇرۇشلۇق ئادىرسى :ئاقسۇ شەھەرXX ئولتۇراق رايۇنى -XXبىنا -XX كورۇپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقۇم ئىش ئورنى يوق. ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى -5ئاينىڭ 16-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپلگە بىرىلگەن.
.2جاۋاپكار ئەXX،ئەر ،ئۇيغۇر، 19ياش ،كىملىك نۇمۇرى :6529011999XXXXXXXX،يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى ، تۇرۇشلۇق ئادىرسى :ئاقسۇ شەھەر XXئاھالىلەر كومىتتى XX-رايۇن XX-كوچا XX-تار كۇچا XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ،مۇقۇم ئىش ئورنى يوق ،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى(2019) 1167-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1.جاۋاپكار مەXXبىلەن ئەXX ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئاقسۇ شەھەر XX كوچاXX ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدىكى توكسكىلىت توختۇتۇش ئورنىدىن زىيانلانغۇچى ئە XXىڭ 150 يۈەن، مXXنىڭ 455 يۈەن، جىيXXىڭ 420 يۈەن، تXX 476 يۈەن قىممتىدىكى 18 دانە (ئومۇمى قىممىتى 1501 يۈەن ( قىمتىدىكى ئاكىمىلىياتورنى ئوغۇرلاپ ئاقسۇ شەھەر XX كوچا «XX توكسكلىت رېمىنۇت قىلىش دۇكىنى» ھەمدە ئوتتۇرا ئايلانما يولىدىكى «XX توكسكىلىت سايمانلىرى سېتىش دۇكىنى»غا ئاپىرپ ئاكىمىلىياتورنى سېتۋېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
.2جاۋاپكار مەXXبىلەن ئەXX كىپىللىك مەزگىلىدە ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىىشپ ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەن سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ئەXX ئۆزى يالغۇز ،زىيانلانغۇچى ئوXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX كوچا XX يولى پىيادىلەر كوچىسىدىكى «ئەلXXيۈرۈشلۈك»تېز تاماقخانىسىنىڭ تىمغا چاپلاپ قويغان مىھمانلارنىڭ پۇل تۆلەشتە ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كوردىنىڭ ئۈستىگە شىرىكى مەXXىڭ ئىككىلىك كوردىنى چاپلاپ قۇيۇپ ،زىيانلانغۇچى ئوXXنىڭ شۇ كۈنلۈك كىرىم قىلغان 910 يۈەن پۇلىنى ئوغۇرلاپ، 910 يۈەن پۇلدىن جاۋاپكار ئەXX 350 يۈەننى،جاۋاپكار مەXX560 يۈەن پۇلنى بۈلۈشۈپ،پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
.3جاۋاپكار مەXX بىلەن ئەXX كىپللىك مەزگىلىدە ئوغۇرلۇق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 00:30 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى رXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX كوچىسىدىكى «ئاXX مېغىز قۇۋەت نانلىرى ناۋايخانىسى»،زىيانلانغۇچى تۇXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XXكوچىسىدىكى «جۈپ قوشقار كالا قوي گۈش قاسساپخانىسى»،زىيانلانغۇچى يۈXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX يولى XXسودا بازىرىدىكى قاسساپ دۇكىنى ،زىيانلانغۇچى XXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX سەي كۆكتات بازىرىدىكى كۆكتات دۇكىنى،زىيانلانغۇچى جاڭ XXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX كوچىسىدىكى سەي كۆكتات دۇكىنى قاتارلىق 5 دۇكاننىڭ پۇل تۆلەشتە ئىشلىتىدىغان ئىككىلىك كوردىنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىككىلىك كوردىنى چاپلاپ شۇ كۈنى كىرىم قىلغان جەمي 1876 يۈەن پۇلىنى ئوغۇرلاپ ،1876 يۈەن پۇلدىن جاۋاپكار ئەنXX 1100 يۈەننى،جاۋاپكار مەXX 776 يۈەن پۇلنى بۈلۈشۈپ،پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.يىغنچاقلىغاندا ئىككى نەپەر جاۋاپكار جەمئى 10 قىتمدا 10نەپەر زىيانلانغۇچنىڭ 4287يۈەن قىمتىدىكى پۇل مال-مۈلۈكنى ئوغۇرلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مەXX، ئەXX رنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-264ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق، جاۋاپكار مXX، ئەXXلارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمسگە ئويغۇن. ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ-264ماددا،25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت
تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات :
1)جاۋابكار مXX، ئەXXلار كىپلگە بىرىلگەن بولۇپ ھازىر ئائىلسدە.مەردان ئېزىزنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمىرى:1570190XXXX ئەنقەر مەمەت1599922XXXX.
2) 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论