ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 3-ب ج ئە﹝2020﹞15–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مە**، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6531011972 ، تولۇق ئوتتۇرا مەلۇماتلىق، يەككە تىجارەتچى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايونى ** كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇر، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسىغا ئوخشاش. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەتكە ئېلىنغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مە**نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ جەرياندا پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن دېلونى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق (2019-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى)، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئىككى قېتىم ئۇزارتتۇق (2020-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى).
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2012-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 11-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار مە** ئۆزىدە تاشقى پىرۋوت تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىش سالاھىيتى ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ، شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى ** يولى ** رايۇن مىھمانخانىسى ئەتراپىدا تاشقى پېرىۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دوللار ساتقان خەلىق پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن بانكا كارتىللىرى ئارقىلىق ھىسابات قىلغان. جاۋابكارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:
1. 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2016–يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار مە** 1099924 (بىر مىليۇن توقسەن توققۇز مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە تۆت) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى مە**گە 36 قېتىمدا خەلق پۇلى 6787572 (ئالتە مىليۇن يەتتە يۈز سەكسەن يەتتە مىڭ بەش يۈز يەتمىش ئىككى) يۈەنگە ساتقان. مە** دوللارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 36 قېتىمدا جاۋابكار مە** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن.
2. 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ، جاۋابكار مە** 20189 (يىگىرمە مىڭ بىر يۈز سەكسەن توققۇز) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئى**كە 2 قېتىمدا خەلق پۇلى 127300 (بىر يۈز يىگىرمە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز) يۈەنگە ساتقان. ئى** دوللارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 2 قېتىمدا جاۋابكار مە** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن.
3. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2013–يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار مە** 165583 (بىر يۈز ئاتمىش بەش مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئۈچ) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئە**، سى**لارغا 4 قېتىمدا خەلق پۇلى 1005986 (بىر مىليۇن بەش مىڭ توققۇز يۈز سەكسەن ئالتە) يۈەنگە ساتقان. سى** دوللارنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 4 قېتىمدا جاۋابكار مە** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن.
دىمەك جاۋابكار مە** 42 قېتىمدا 1285696 (بىر مىليۇن ئىككى يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئالتە يۈز توقسەن ئالتە) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلى 7920858 (يەتتە مىليۇن توققۇز يۈز يىگىرمە مىڭ سەككىز يۈز ئەللىك سەككىز) يۈەنگە ساتقان.
جاۋابكار مە** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا ئىشلەتكەن بانكا ھېساباتىنىڭ تەپسىلى كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ھىسابات خاتىرسىنى تونۇتۇش ئىسپاتى، ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلاش باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچى مە**، ئە**، ئە**، سى** قاتارلىقلاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار مە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار ؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مە**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مە**نىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت بىكىتكەن تاشقى پىرىۋوت ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكا، جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى ياكى ئۇنىڭ تارماق مەركىزى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازار تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار مە** ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: سانىيە ھامۇت
تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى
2020–يىلى 4–ئاينىڭ 24–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار مە** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: *****139999؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىريالى 5 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكىرى ۋە ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت قىلىش تەكلىپنامىسىدىن 1 نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشنامىسى (ئەسلى نۇسخىسى) 1 نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论