شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 464-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار م XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011983XXXXXXXX، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر XX بازار XXكەنىت XXگۇرۇپXXنۇمۇر، شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى(2020) 319-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار م - 2020 XX يىلى -1ئاينىڭ -27كۈنى سائەت 01:50 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن،XX بازار XX كەنىتكە توختىتىپ قويغان 新N9XXXX نۇمۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ، XX بازار XXكەنىتىتكى تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە شۇ ئەتىراپتا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 106.40 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان بۇلۇپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار م XX نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك، ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋاپكار م XX غا 1ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ جازاسىنى 2 ئاي كىچىكتۈرۈش ،قوشۇمچە 2000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات :
‹1جاۋابكار م XX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XXXX1599940
2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە ،جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تېلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论