欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(i艾某某的交通肇事罪案件剥夺)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2021〕xx号 

    ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2021) xx-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى  xxئۇچتۇرپان ناھىيە xxبازىرى xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئەxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت00:45 ئەتراپىدا ئاxx نامدىكى xx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ياردەمچى شوپور ئورنىغا ئاچىسى زەيxxنى ئولتۇرغۇزۇپ مېڭىپ، ئۆلكە تاش يولى 360-لىنىيە 78 كىلومىتىر 500 مىتىرلىق يول بۈلىكىگە كەلگەندە، ئالدىدا ئوخشاش يۈنىلىشتە پىيادە كېتىپ بارغان زىيانلانغۇچى ئەxx (xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇچتۇرپان ناھىيەxx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق) نى سوقىۋەتكەن ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە شۇ نەق مەيداندىن ئۈتۈپ كىتىۋىتىپ ئەھۋالنى كۈرۈپ توختىغان ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ شوپىرى جاxxغا دېلو مەلۇم قىلىپ بىرىشنى دىگەندە، جاxx 120 قۇتقۇزۇش مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان. نەتىجىدە زىيانلانغۇچى ئەxx نەق مەيداندا ئۈلۈپ كەتكەن.

يول قاتناش ھادىسىسسى ئېتىراپنامىسىدا «جاۋابكار ئەxxئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى، ئۆلگۈچى ئەxx قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەن.

جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «باھالانغۇچى ئەxx قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن باش قىسىمى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ، نەپەس زەئىپلىشىپ ئۆلگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كىلىدۇ» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ يول يۈرۈپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشىلىك. جاۋابكار دېلو سادىر قىلغاندىن كىيىن باشقىلارغا دېلو مەلۇم قىلىشنى ھاۋالە قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. جاۋابكارغا جىنايى جازا ھۈكۈم قىلغاندا جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى ۋە جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى، ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.  xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top