شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 254-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تxx، ئەر، ئۇيغۇر، xxxx-يىلىxx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529011971xxxxxxxx، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، xx شەھەر xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
xx شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)291- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار xx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئxx شەھەر xx بازارxx -كەنىت كومىتىتىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، سائەت 23:00لەر بىلەن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新N6xxxx نۇمۇرلۇق ماشنىنى كەينىگە ياندۇرۋاتقاندا شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسسى ماددى ئىسپات باھالاش ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 0670-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە، تxxىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 209.07مىللىگىرام (mg/100ml209.07) دەپ بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار تxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار تxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نxx
مۇۋەققەت تەپتىش : دxx
2020-يىلى -4ئاينىڭ -2كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1566033xxxx.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论