欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(木某某危险驾驶案)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  984-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، XXياش، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529011989XXXXXXXX،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX بازىرى XX-كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان ،پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 11–ئاينىڭ  11-كۈنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلىكىگە بېرىلگەن.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)1499-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 05-كۇنى سائەت 02:30لەر ئەتراپىدا جاۋابكار مۇXX  ئاقسۇ شەھەر XX بازار ئىچىدىكى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ،چىقىپ شۇ يەرگە تۇختۇتۇپ قۇيغان نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلتنى مەس ھالەتتە(پىراۋسىز)ھەيدەپ ،دۇلەت XX-نۇمۇرلۇق تاشيۇلنىڭ XX-كىلۇمتىرلىق  يۇل بۇلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتراپتىكى چارلاش ۋەزىپىسى ئىلىپ بىرىۋاتقان  ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق ، جاۋابكار مۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى  قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جاۋابكار مۇXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ،  قان ئەۋرىشكىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشقا يوللىغان، نەتىنجىدە جاۋابكار مۇXXنىڭ  ھەر  100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 197.14 مىللىگىرام بۇلۇپ (  mg/100ml197.14)  مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار مۇXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ،جاۋابكار مۇXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.

باش  تەپتىش :  ئاXX

            مۇۋەققەت تەپتىش : ئاXX

                   2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1588684XXXX

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top