焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕9号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش 9[2020] - نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار ھۈنامەلۇم، ئەر، -1979 يىلى –XXئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6528261979XXXXXXXX، ئۇيغۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، نۇپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيەXX بازىرى XX كەنىت 1-گۇرۇپ 66-نۇمۇر،جاۋابكار يۈنامەلۇم 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25- كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك خىروئىن چەككەنلىكى ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تاشتەن بازارلىق ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ مەمۇرىي جەھەتتىن ئون بەش كۈن توختىتىپ قويۇلغان.2019-يىلى-10ئاينىڭ-16كۈنى زەھەر چېكىشكە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش قىلمىشى بىلەن قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن باشقىلانىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن شۇيىلى 10-ئاينىڭ 28- كۈنى جامائەت خەۋىپسزلىك ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار ھۈنامەلۇمنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى، باشقىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىغى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى.جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1)جاۋابكار ھۈنامەلۇم 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى قاراشەھەر ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت 1-گۇرۇپپا 66-نۇمۇرلۇق ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قا نامەلۇم ، نۇنامەلۇم ، بەنامەلۇم قاتارلىقلارنىڭ زەھەر چېكىشى ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك نىشە ۋە ئىچىملىك قۇتىسىدا ياسالغان نەشە چېكىشتە ئىشلىتىدىغان مەخسۇس قاپاق بىلەن تەمىنلىگەن ۋە يۇقىرىقىلارنى نەشە چېكىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ھەم ئۆزى بىللە زەھەرلىك چېكىملىك نەشە چەككەن.
2)جاۋابكار ھۈنامەلۇم 2014-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە زەھەرلىك چىكىملىك نەشە ئېلىپ-سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە قاراشەھەر ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت 1-گۇرۇپپا 66-نۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقتىكى (تەخمىنەن 1.5 گىرام ئەتىراپىدا) قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان نەشە (كەندىر) نى تۇنامەلۇمغا ئەللىك يۈەنگە سېتىپ بەرگەن.
3)جاۋابكار ھۈنامەلۇم 2014-يىلى 7-ئايلار مەزگىلىدە زەھەرلىك چىكىملىك نەشە ئېلىپ-سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە قاراشەھەر ناھىيە XX بازىرى XXكەنىت 1-گۇرۇپپا 66-نۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقتىكى (تەخمىنەن 1.5 گىرام ئەتىراپىدا) قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان نەشە (كەندىر) نى بەخنامەلۇمغا ئەللىك يۈەنگە سېتىپ بەرگەن.
4)جاۋابكار ھۈنامەلۇم 2014-يىلى 11-ئايلار مەزگىلىدە زەھەرلىك چىكىملىك نەشە ئېلىپ-سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە قاراشەھەر ناھىيە XX بازىرى XXكەنىت 1-گۇرۇپپا 66-نۇمۇرلۇق ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈك قېقى چوڭلۇقتىكى (تەخمىنەن 1.5 گىرام ئەتىراپىدا) قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان نەشە (كەندىر) نى قانامەلۇمغا ئەللىك يۈەنگە سېتىپ بەرگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرلىرى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ھۈنامەلۇم پايدا تېپىش مەقسىتىدە 5گىرام ئەتىراپىدىكى زەھەر (نەشە)نى باشقىلاردىن ئېلىپ ئۈچ ئادەمگە ساتقان ،كۆپ ئادەمنى ئۆز ئۆيىدە زەھەر چېكىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، سۇرۇن ھازىرلاپ بەرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسى 354-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق بولۇپ زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى، باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى شۇڭا جاۋابكار ھۈنامەلۇمنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
قوشۇمچە:
(1) جاۋابكار ھۈنامەلۇم باغراش ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. (2) بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论