欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(胡某某贩卖毒品案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                               ئۈ ش س ت ت 1- بۆلۈمى ج ئى ئە چ [2020] يىللىق 240-نومۇر

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار غو **، ئەر، 1983– يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:******** 6501031983 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى **- كوچا **- نومۇر **- بىنا **- زال **- نومۇر، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ** يولى ** ئائىلىكلەر قوروسى **- بىنا **- زال **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بويۇم ئىلىپ –سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراپ قويۇلغان، بۇ قېتىم 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار غو ** نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇقھەمدە بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق2020- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى دېلو بېجىرىش ۋاقتى 1- قېتىم ئۇزارتىلدى، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى 1-قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ، شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى قايتا تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار غو ** 2020– يىلى4– ئاينىڭ 22– كۈنى سائەت 17:30 لەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر سايباغ رايونى ** يولى ** ئۇلتۇراق رايونى **- بىنا **- زال **- نۇمۇرلۇق ئۇيىدە، باشقىلارغا 2 بولاق1.453 گرام ئىغىرلىقتىكى زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) نى 200 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئاقتۇرۇش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ ئۆيىدىن 5 بولاق 3.644 گرام زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) نى تاپقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]126- نومۇرلۇق دوكلاتىدا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئالغان ماددىنىڭ تەركىبىدە مېتىل بۇترات تەركىبى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن يۇقارقى زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) مۇسادىرە قىلىنغان.   

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:

(1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تالونى، قايتۇرۇپ بېرىش تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر؛

  (2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇمنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ [2020] 126-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛

 (3) ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى، زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تونۇتۇش خاتىرىسى، بارماق ئۇچۇرى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛

 (5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛

(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ؛

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبېكتىپ راست، بېكىتىلگەن پاكىتنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار غو ** بېكىتىلگەن جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا پىكرى يوق، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار غو ** نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىكنى ئېلىپ–ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىدىن زەھەر ئېلىپ–سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

 ھۆرمەت بىلەن:

                      تەپتىش: دولەت چاغاتاي 

           تەپتىش ياردەمچىىسى : سەيپىدىن ئابدىرھېم 

                   2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئەسكەرتىش:

(1)جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا . 

(1)تەھقىقلەش دېلوسى 2 توپلام، 4 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جازانى قۇبۇل قىلش مەسئۇلىيەتنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top