شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 267 -نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19ياش، كىملىك نومۇرى xxxxxxxx6529012000، يۇرتى xx شەھەر، xx شەھەر xx xx-رايۇن xx-xx-xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى [2020]197 -نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئاxx 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 20:40لەر ئەتراپىدا xx شەھەر xx xx ئىجىتمائى رايۇننىڭ يېنىدىكى باغدا دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئېچكەندىن كىيىن، شۇ ئەتراپقا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، يېڭى xx بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 170.16مىللىگىرام چىققان بۇلۇپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار ئاxx قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولىدى، بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسىگە ئويغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئاxxگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نxx
مۇۋەققەت تەپتىش : ئىxx
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: xxxx1809495، xxxx1331978
2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论