欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 465-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXX65292419،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان،شاXX ناھىيە قاXX بازىرى داXXX كەنىت XX-گوروپ XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش  جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 20XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 20XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 761-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئاXX -20XXيىلى-XXئاينىڭ-XXكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:10لەر ئەتراپىدا، دوسلىرى ھەXX،ئىXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە شايار ناھىيە بازىرى چارۋا بازىرنىڭ يېندىكى ھاراق دۇكىنغا كىرىپ ،جاۋابكار ئاXX بىلەن ھەXX ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتىش ئۆچۈن، ھاراق دۇكننىڭ قارشى تەرىپىدىكى يولنىڭ قىرىغا توختىتپ قويغان ئۆزىنىڭ  新 NY20XX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، موتوسىكلىتنىڭ كەينىگە ئىXXنى ئولتۇرغۇزۇپ ، شاXX ناھىيە قاXX بازىرى ئاXX كەنت-XXگوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە،شۇ جايدىكى قاتناش ساقچىلىرى تەرپدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار ئاXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا  240.48 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشىغا ۋە  قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئاXXقا 3 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 7350 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش: رXXX

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى ( 84بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار  ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋابكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top