欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某不起诉决定书(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

              ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 66-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر،  49 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011970، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى : XX شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ XX شەھەر XX ئولتۇراق رايونى XX- بىنا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى  XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.   

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى (2020) 1293-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:   

-2020يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:30لار ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى ئاXX ئۈزىنىڭ ياماخا ماركىلىك ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى XXشەھەر «ئالما»ئەتىگەنلىك بازىرنىڭ قارشى تەرپىدىكى پىيادىلەر يۇلىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ ئاچقۇچنى موتودا ئۇنتۇپ قالغان، ئۈزى ئەتىگەنلىك بازارغا نەرسە كېرەك ئالغىلى كىرىپ كەتكەن، جىنايەت گۇماندارى ئاXX ئالما بازىرغا تاماق يىگىلى بېرىپ تاماق يەپ چىقىپ ، زىيانلانغۇچى توكسىكلىتنى توختۇتۇپ قويغان يەرگە كىلىپ، توكسىكلىتنىڭ رولىغا ئېسىغلىق سۇلياۋ خالتىدىكى شاپتولنى كۈرۈپ، شاپتولنى ئوغۇرلاپ يىمەكچى بۇلغاندا، توكسىكلىتنىڭ قۇلپىسىدىكى ئاچقۇچنى كۈرۈپ، توكسىكلىتنى ئوغۇرلاپ  مىنىپ،  XX شەھەر تەجىربە ئورمان مەيدان 6-ئەترەتكە ئاپىرىپ ئىلگىرى ئۈزىنىڭ موتوسىنى ساتقان تۇنىشىغا ساتماقچى بۇلۇپ تۇنۇشىنى تاپالماي، ئەXXكە 300يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن . 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXX ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن. شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

تەپتىش: XX

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top