欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某危险驾驶一案起诉书

2021-09-21 独角龙 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

 ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020)816- نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار ئاXX ،ئەر، ****-يىل*-ئاينىڭ*-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: 4516******652801، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسسىگە ئىگە ، كەسپى: دىھقان ، نۇپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن : شىنجاڭ كورلا شەھەر ******4-گۇرۇپ5-نۇمۇر ،  2019-يىل 10-ئاينىڭ 08-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج  خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . 

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،شۇ كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار   ئاXX 2019- يىلى 7-ئاينىڭ 20- كۇنى سائە 02دىن 03 ئوتكەندە ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新M6F118  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشننى ھەيدەپ،كورلا شەھەر ******* ئالدى يول بولىكىگە كەلگەندە ،شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .

 شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتلارنى  باھالاش ئورىننىڭ  ( 2019)4373-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا : جاۋاپكار ئاXXنىڭ  ھەر  100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 143 مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى  بار دەپ يەكۈن  چىقارغان .

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:  يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، باھالاشنامە، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئاXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئاXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

شۇڭا»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ« 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار   ئاXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                   كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە          

                             تەپتىش :ئاXX 

                                   2020-يىلى9-ئاينىڭ26-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.  

(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top