كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 197–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئاxx،ئەر،****-يىلى*-ئاينىڭ-** كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528011983 ******** ،ئۇيغۇر،ئالى تىخنىكۇم مەدىنيەت سەۋىيسىىگە ئىگە ،كەسپى: كورلاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى چارلاش ساقچى ئەتىرتى نۇپۇسى تۇرۇشلوق ئورۇن:xxشەھىرىxx يۇلى-** نۇمۇر -*بىنا -*كورپوس -*نۇمۇر.ھازىرقى تۇرۇشلوق ئورنىxx شەھىرىxxيۇلى xx ئولتۇراق رايۇنى *-بىنا-*كورپوس***-نۇمۇر ،2019-يىلى6-ئاينىڭ 6-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئا -2019xxيىلى-3ئاينىڭ-24كۈنى سائەت22دىن 20مىنۇتلارئەتراپىدا،پىراۋىسىز،ھاراق ئېچىپ مەس ھالەتتە،ئۆزىنىڭ新MN6697نۇمۇرلوق ئىككى چاقلىق مۇتۇسېكىلىتنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى بايىن غەربى يۇلىدا شەرقتىن- غەرپكە قاراپ يۇل يۈرۈپ بايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق خەلق ھۈكۈمىتنىڭ ئالدى يۇل بۈلىكىگە كەلگەندە، ئوخشاش يۈلۈنۈشتە ئالدى تەرەپتە يول يۈرۋاتقان جاۋگۇيىن ھەيدىگەن 新M30480نۇمۇرلوق كىچىك تىپتىكى ماشىننى سۇققان،نەتىجىىدە ئىككى قاتناش ۋاسىتىنسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسسى سادىربولغان.كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى2019-يىل4-ئاينىڭ 9-كۇنى (2019) 222620نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ،مۇشۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدەجاۋاپكار ئاxx پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتتكەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورىننىڭ ( 2019)2173-ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا :جاۋاپكارنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 209مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىققان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئابلىمىت رېھىم ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارئاxxنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئاxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :خاسىيەت ئابدۇكېرىم
2020-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论