欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش (2019)254- نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1993-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى******:6528011993،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى ** يېزا** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق ئۆي .2018–يىلى7–ئاينىڭ 25-كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىممىز تەرپىىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە.

لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا** نىڭ خەتەرلىك يول يۇرۇش دېلۇسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019–يىلى 8–ئاينىڭ23– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋەجىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە : 

2017–يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى سائەت2 دىن 10 مېنۇت ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئا** پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا新M**نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومۇبىلنى ھەيدەپ،لوپنۇر ناھىيە** يېزىسىدىن غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مېڭىپ،لوپنۇر** يولى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتى خىزمەتچى خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ تۇتۇلغان. 

تەكشۇرۈش ئارقىلىق:شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017)8600-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا،جاۋاپكار ئا** نىڭ قان ئەۋرېشكىسىدىكى ھەر 100mL قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى mg181 دەپ باھالىغان. 

يۇقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئا** يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ،ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن، بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپ ،بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق،شۇڭا خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈن چىقارغايسىلەر . 

   ھۆرمەت بىلەن : 

                    لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

تەپتىش:تۇرسۇن راخمان

ياردەمچى تەپتىش : نۇرزىيە تۇيغۇن

2019 – يىلى8- ئاينىڭ23-كۈنى .

   ئىزاھات :دېلو ئارخبىي بىر توپلام بىرگە يوللاندى .    

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top