توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)116-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ئا ** ، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1551********652123، كەسپى: ** ئىدارىسى ئىشچىسى. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ ** ناھىيە **يېزا ** كەنت * -ئەترەت **-نۇمۇر؛ بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ئا ** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019–يىلى 12-ئاينىڭ 02-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا ** نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 07-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە:
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 02:06لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئا ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتەD **** 新K نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ ** ناھىيە ** شىمالى يولى *-نۇمۇرلۇق خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئالدىدىكى يولغا كەلگەندە، شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار ئا ** دىن ** ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 8814-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋابكار ئا ** نىڭ ھەر ml100 قېنىنىڭ تەركىبىدە mg 227 ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:
دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئا ** نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئا ** نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133 –ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جازالاشقا تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، جاۋاپكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش قوشۇمچە 6000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسى 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020-يىلى 07-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋاپكار ئا ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە؛
2.دىلو توپلىمى 2 توپلام؛
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论