欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                   توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئە2020200-نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ھ ** ، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى:1513******** 652123، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،سىياسى قىياپىتى: ئامما، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ توقسۇن ناھىيە **يېزا ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورو. ئىلگىرى جازالانمىغان. جاۋابكار ھ** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.

توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋابكار ھ**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈردۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە :  

2020-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 02:50لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ھ** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە***** 新A نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ توقسۇن ناھىيە غولبۇيى يېزا ** كەنىت **-ئەترەت يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجراقىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار ھ**نى ئىسپرت مىقتارىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدە پۈۋلەتكەندىن كېيىن، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملاشتۇرۇپ،  توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدلىيەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) ****-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە:« ھ**نىڭ ھەر 100ml قېنى تەركىبىدە mg150 ئالكوگىل مىقدارى بايقالدى دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

  يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :  دېلو قوبۇل قىلىش جەدۋىلى، دېلو ئېچىش قارارى، قان ئېلىپ تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە قاتارلىقلار بار . 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمونى ئوبىكتىپ ھەقىقىي بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بېكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ھ**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار ھ**نىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمونىنىڭ 1-تارماقتىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، جاۋابكار ھ**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك . جاۋابكار ھ** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، شۇڭا جاۋابكار ھ**گە 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، جازاسىنى 3 ئاي كېچىكتۈرۈش، قوشۇمچە 4000 يۈەن شىتراف قويۇشنى تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا، 214-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                     تەپتىش : ********

                2020- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ھ** ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

2. بۇ دېلو تەھقىقلەش توپلىمى 2توپلام، تەپتىش توپلام 1 توپلام، جەمئى 3 توپلام ؛

3. ئەيىپنامە ئۇيغۇرچە 10 نۇسخا، خەنزۇچە 10 نۇسخا دېلو ماتىرىياللىرى بىلەن بىرگە يوللاندى؛

4.«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top