欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某涉嫌交通肇事案不起诉决定书

2021-09-20 独角龙 评论0

机密★1年

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئەيىبلىمەسلىك (2020) 54-نۇمۇرلۇق

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529xxxxxxxxxxxxx، يۇرتى xx ناھىيە، نۇپۇستىكى ئولتۇرغى xx ناھىيە xx يېزا تۆۋەنكىxx كەنت xx-گۇرۇپ 3-نۇمۇر، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، شۇپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

   ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە  ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:41 ئەتراپىدا،  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx 新Kxxx5 نۇمۇرلۇق يۇك ماشىنىسىنى xx ناھىيە Gxx-لىنىيەدە جەنۇپتىن-شىمالغا يۇلىنىشتە ھەيدەپ كىتىۋېتىپ xx ناھىيە Gxx-لىنىيە 9كىلومېتىر باغتوغراق يېزا تۆت كۇچا ئېغىزىغا كەلگەندە تۆت كۇچا ئېغىزىدا يۇxx شەرىقتىن-غەرىپكە قاراپ كىتىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق ئۇچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە يۇxx نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋاپكارلىقنى بىكىتىشنامىسىدە  ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 42-ماددا 1-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىگىنى قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامى» نىڭ 52-ماددا 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ يۈxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 18-ماددا، 22-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە قۇشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە ئۆلگۈچى يۈxx بىسسىز سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە كۆكرەك قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يېپىق خاراكتېرلىك زەخىملىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ باھالىغان.

   يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1. يازما ئىسپات  2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 3. باھالاش پىكىرى 4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 5. ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاxxنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئابلا سەمەت ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، دەرھال 110 قوماندانلىق مەركىزىگە تېلىفۇن قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان، ج خ ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، ۋە باشقا چىقىملىرى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتىن 664244.6 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىپ ھەق-تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، سوبىكتىپ جەھەتتىن قەستەنلىك يوق، سەۋەنلىكتىن سادىر بولغان، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ  177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئاxxنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top