欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某涉嫌交通肇事案起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 388 -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار xx،ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، نوپوس تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرىxx كەنت x-گۇرۇپ x-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى:شىنجاڭ xxناھىيە xx بازىرى xxكەنتx-گۇرۇپxx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،xxمەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،xx،xx،ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۇنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۇنى قانۇن بۇيچە كىپىللىككە بىرىلگەن ھازىر سىرىتتا.

 xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار xxنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   2019-يىل12-ئاينىڭ5-كۈنى سەھەر سائەت 04:30 ئەتراپىدا، جاۋاپكار xx پىراۋىسىز،ھاراق ئىچىپ ئۆزىنىڭ xx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتىنىڭ ئارقىسىغاxx (ئۆلگۇچى)نى مىندۇرۇپ، xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گۇرۇپ يول بۆلىكىدە شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ كىتىۋىتىپxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە موتوسىكىلىتنى كونتىرول قىلالماي يولنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى لىڭدەيگە چۈشۈپ كىتىپ موتونىڭ كەينىدە ئولتۇرغان xx موتودىن قاڭقىپ چىقىپ تىرەككە ئۇسگەن.

    نەتىجىدە xx دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

    قاتناش ساقچىلىرى تەكشۇرۇش ئارقىلىق گۇماندار xxنىڭ ھاراق ئىچىپ موتو ھايدىغانلىقىنى ئېنىقللانغان. 

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددىي ئىسپاتلارنى ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ{xx}xx-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۇنىدە: جاۋاپكار xxنىڭ ھەر 100مىللىمىتىر قان پىلازمىسى تەركىبىدە xxمىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار دەپ يەكۈنى چىقارغان. 

xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ (2019)xx-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە: ئۆلگۈچى xx سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە دەرىجىدە باش سۆڭىكى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىش سەۋەپلىك ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.

يول قاتناش ھادىسىسى جاۋاپكارلىق بېكىتىشنامىسىدە، جاۋاپكار xxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىگى قانۇنى» نىڭ 19-ماددا1-تارماق ،22-ماددا2-تارماق،35-ماددا،45-ماددا،51-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسدە تۇللۇق جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئەھەت ئەخمەتنى ھادىسىدە جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1› يازما ئىسپات 2›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

 يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار xxنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق،قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

  ھۆرمەت بىلەن:

  xx ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

باش تەپتىش : xx

ياردەمچى تەپتىش:xx

2020-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› جاۋاپكار xx ھازىر ئائىلىسىدە.

2›8پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى (166بەت)؛

3›5دانە ئوپتىك دىسكا(جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)؛

4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى

5›زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇيدىكىلىرى تەمىنلىگەن بىر پارچە ھەق تەلەپ ئەرىزنامىسى؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top