ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا،ت،ئەيىپلىمەسلىك چىقىش(2020) 5-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652928********3394، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئا**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىپلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى ئا** 2019 -يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 02:00 ئەتىراپىدا، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新N**** نۇمۇرلۇق ماشنىسىنى ئاۋات ناھىيە نۇرلۇق ئوتتۇرا يۇلىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ ماسەنيۈەن كالا گۈشى ئۈگۈرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 6640-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ئەيىپلەنمىگۈچى ئا**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 85.11 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 1. يازما ئىسپات 2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 3. باھالاش پىكرى 4.ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرسى،خەرىتە ۋە فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز،ئەيىپلەنمىگۈچى ئا**نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلللىنىدۇ، قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، لېكىن ئەيىبلەنمىگۈچى قىلمىش سادىر قىلغاندىن كېيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، قىلمىشى بىر قەدەر يىنىك، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىسى بويىچە ئا**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论