ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)234–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئاxx،ئايال،ئۇيغۇر،19xx-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى::65900219xxتۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكxx-دىۋىزىىيسى xx شەھىرى توقاي يېزىسىxx-كوچا 1-نۇمۇر، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان ،2020- يىلى1-ئاينىڭ6-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۇنى مەھكىممىز تەرپىدىن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان،جاۋاپكار ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۇرۇش(ئېغىر)جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2020-يىلى3-ئاينىڭ18-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان ،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى،جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى،ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئاxx 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۇنى ئاۋات ناھىيلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ تەكشۇرشى بىلەن ئۇزىنىڭ ئەيدىز كىسىلى بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇزنىڭ ئەيدىس كىسىلى ئىكەنلىكىنى ئاxx ،ئەx،ئەx، قاتارلىقلارغا دىمەي يۇشۇرۇپ يۇقارقىلار بىلەن 2017-يىلى2-ئايدىن2019-يىلى4-ئايغىچە ئاۋات ناھىيسى،ئاقسۇ شەھرى قاتارلىق جايلاردا كوپ قېتىم مىھمانخانلاردا ياتاق ئېچىپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندۇن) ئىشلەتمىگەن. 2018 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ جاۋاپكار ئاxx ئۇزنىڭ ئەيدىس كىسىلى ئىكەنلىكىنى زىيانلانغۇچى مx دىمەي ئۇنىڭ بىلەن ئاۋات ناھىيسى كەيبىڭ مىھمانخانىسى،شاڭتەي مىھمانخانىسى،خان ئوردىسى مىھمانخانىسى ،يېڭى ئەسىر مىھمانخانىسى،ئالار شەھىرى يىندۇ مىھمانخانىسى قاتارلىق جايلاردا ياتاق ئېچىپ بىللە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندۇن) ئىشلەتمەي 2019 - يىلى5-ئايغىچە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ يۇرگەن.2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۇنى ئاۋات ناھىيلىك يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ ئۇختۇرۇشى بىلەن زىيانلانغۇچى مx ئۇزنىڭ ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1،يازما ئسىپات 2،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، 3،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4،باھالاش پىكرى 5،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئاxx ئۆزىنىڭ جىنسى كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،كېسەلدىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللانماي باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ باشقىلارغا كىسىلنى يۇختۇرۇپ قويغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش(ئېغىر)جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق،قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ،جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ،جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھورمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسگە
باش تەپتىش:سەمەتجان ئوسمان
ياردەمچى تەپتىش:مىرزات مەمەت
2020-يىلى6-ئاينىڭ9-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،4 تال سوراق پىلاستىنكىسى،3 تال دىلو ماتىريال پىلاستىكىسى دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى، 2. جاۋابكار ھازىر قاماقخاندا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论