كەلپىن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت 1- بۆلۈم ج ئە (2020) 65- نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 2000- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ****65292320001014، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** شەھرى ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتىدىن گۇمان قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
كەلپىن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى 8- ئايلار مەزگىلىدە باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىغا: «ئەرزان باھادا تاماكا بىلەن تەمىنلەيمەن» دىگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ** ناھىيە **يېزا ** كەنىتى **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئە** بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا: «مەن تاماكا شىركىتىدە ئىشلەيمەن، تاماكىنى بازار باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ بىرىمەن» دەپ 3600 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ 2800 يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىپ قالغان 800 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
2. جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە ئۈندىدار توپىغا: «ئەرزان باھادا تاماكا بىلەن تەمنلەيمەن» دىگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ** ناھىيە **بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى م** بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا، «مەن تاماكا توپ تارقىتىش دۇكىندا ئىشلەيمەن، تاماكىنى بازار باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ بىرىمەن» دەپ 1500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە، ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىدىكى ئە**نىڭ نامىدا ئۈندىدار تىزىملىتىپ (ئە** ئۆزى بىلمەيدۇ) ئۈندىدار توپىغا، «ئەرزان باھادا تاماكا بىلەن تەمىنلەيمەن» دىگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ز** بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا، «مەن بازار باھاسىدىن ئەرزان تاماكا سېتىپ بىرىمەن» دەپ 465 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى 8- ئايلار مەزگىلىدە باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە، ئۈندىدار توپىغا «ئەرزان باھادا تاماكا بىلەن تەمىنلەيمەن» دىگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئە** بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا: «مەن تاماكا زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، تاماكىنى بازار باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ بىرىمەن» دەپ 400 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
5. جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى9- ئاينىڭ 8- كۈنى باشقىلارنى ئالداش مەقسىتىدە، ئۈندىدار توپىغا «ئەرزان باھادا تاماكا بىلەن تەمىنلەيمەن» دىگەن ساختا ئۇچۇرنى تارقىتىپ، ** شەھرى ** بازىرى ** كەنت **- مەھەللە **- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ي** بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇنىڭغا: «مەن تاماكا زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، تاماكىنى بازار باھاسىدىن ئەرزان سېتىپ بىرىمەن» دەپ، 246 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
دىمەك جاۋاپكار ئا** 2020- يىلى 8- ئايدىن 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە 5 ئادەمدىن جەمئى 6211.00 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ، 2800.00 يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىپ، 3411.00 يۈەننى ئۆزى خەجلىگەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن دىلوغا چېتىشلىق زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ زىيانلانغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:1. ماددىي ئىسپات 2. يازما ئىسپات 3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى 4. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 5. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەخسىتىدە، ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ شەخسىلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسىدىكى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ-176 ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مەۋلان ئۇبۇل
2020- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى
1. قوشۇمچە سەككىز نۇسقا ئەيىپنامە بىرگە يوللاندى.
2. جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论