欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某涉嫌诈骗案起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                   

توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش ( 2020)158-نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652123********0010، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى :ئىشسىز، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ** :ناھىيە  ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى **-رايون -**بىنا -**كورپۇس -**ئۆي. -2007يىل -9ئايدا ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ** ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

جاۋابكار ئا** ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، -2020يىل -06ئاينىڭ 19-كۇنى توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى . 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە: 

 1. **-يىل-** ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋاپكار ئا** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ** ناھىيە ** يېزا ** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق **گە **دىن زاۋۇت باھاسىدا ئەرزان ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ  4700يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىدى.

2. **-يىل **-ئاينىڭ -**كۈنى جاۋاپكار ئا** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ** ناھىيە ** بازار ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئا**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۆچۈرۈپ بېرىمەن دەپ 4500 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆپ قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا** 1000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن،قالغان پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

3. **-يىل **-ئاينىڭ -**كۈنى جاۋاپكار ئا** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ، ** ناھىيە ** بازار ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق م**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۆچۈرۈپ بېرىمەن دەپ 4000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى كۆپ قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا** 1000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

4. **-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى جاۋاپكار ئا** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، ** ناھىيە ** بازار ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ش**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۆچۈرۈپ بېرىمەن دەپ 4000 يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

5. -2019يىل -12ئاينىڭ -27كۈنى جاۋاپكار ئا** ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ** ناھىيە ** بازار ** كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ب**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشىنى بىرتەرەپ قىلىپ ئۆچۈرۈپ بېرىمەن دەپ  5800يۈەن پۇلىنى ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى كۆپ قېتىم سۈيلىگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئا** 1900 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

جاۋاپكار ئا** جەمئىي 5 قېتىم  ئالدامچىلىق قىلغان بولۇپ،كەلتۈرگەن ئۇمۇمىي ئىقتىسادى زىيان 23000 يۈەن بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلىگە كەلگىنى3900 يۈەن، ئەسلىگە كەلمىگىنى 19100 يۈەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :دېلو قۇبۇل قىلىش جەدىۋىلى، دېلو ئېچىش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، زىيانلانغۇچىلار تەمىنلىگەن ئۇندىداردا پۇل يۆتكەش خاتىرسى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئا**نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جازلاشقا تېگىشلىك، جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش, قوشۇمچە 5000 يۇەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسى،  214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

 ھۆرمەت بىلەن : 

تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

                        2020 -يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۈنى

 قوشۇمچە :

1.جاۋاپكار ئا** ھازىر توقسۇن ناھىيەلىك قاماقخانىدا؛

.2دېلو ج خ توپلىمى 2 توپلام ، تەپتىش توپلىمى 1توپلام؛

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا ؛

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top