ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت،ئە،چ (2020) 7–نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928******1999، يۇرتى: ئاۋات ناھىيەسى،قامىلىشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرۇغى: * يېزا * كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللىك بىكار قىلىنىپ جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى، قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، ھەمدە دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ئىككى قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىغاندىن كېيىن بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 10-ئايدا زىيانلانغۇچى ئە* بېغىڭىزدا ئىشلەپ بېرىمەن دەپ 5000 يۈەن زاكالەت پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 12-ئايدا زىيانلانغۇچى لاڭ * پاختىڭىزنى تېرىشىپ تۈگۈتۈشۈپ بېرىمەن دەپ 5000 يۈەن زاكالەت پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 12-ئايدا زىيانلانغۇچى ۋۇ * پاختىڭىزنى تېرىشىپ تۈگۈتۈشۈپ بېرىمەن دەپ 1600يۈەن زاكالەت پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 12-ئايدا زىيانلانغۇچى ئى** مېنىڭ 21 نەپەر ئادىمىم بار، شۇلار بىلەن بىرلىشىپ پاختىڭىزنى تېرىشىپ تۈگۈتۈشۈپ بېرىمەن دەپ 3000 يۈەن زاكالەت پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ تەكشۈرۈلگەن مەزگىلدە، باسقۇنچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقان ئا*بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ، كېپىللىككە قۇيۇپ بىرىلگەندىن كىيىن، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابدىرىم ئابلانىڭ دادىسى زىيانلانغۇچى ئا* بىلەن كۈرۈشۈپ ئۇنىڭغا«مەن ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋاقتىدا ئوغلىڭىز بىلەن بىرگە تۇرغان ئىدىم،شۇ ۋاقىتتا ئوغلىڭىز ئابدىرىمجان ماڭا ئۆيدىكىلەر مىنىڭ يولۇمنى مېڭىپ مىنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىۋالسۇن دىگەن مەن يولۇڭلارنى مېڭىپ بېرەي»دەپ يالغاندىن تۇنۇشىغا تىلغۇن قىلغان بۇلۇپ، ئا* 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 8-ئايدا زىيانلانغۇچى ئا* (1950-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان)گە توردىن مال سالدۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئا* بىرقانچە قېتىمدا 90 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئېلىپ 10562 يۈەنگە مال سالدۇرۇپ بېرىپ ئىشەندۈرۈپ، قالغان 79438 يۈەن پۇلنى مال سالدۇرماي قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن.زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئا** يەنە زىيانلانغۇچى ئا* ئالداپ پۇل ئۈندۈرۈپ قىمار ئويناش مەقسىتىدە، ئا*«مەن ج خ ئىدارىسىدا تەكشۈرلۈشتىن بۇرۇن ئالتاي،قارماي،خوتەن، ئۈچتۇرپان،شىڭخا،باي قاتارلىق جايلارغا مال سالغان ئىدىم، مەن ج خ ئىدارىسىدە تەكشۈرۈلگەن مەزگىلدە مال سالغان جايلار بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى تېز يەتكۈزۈش ئورنىدا بېسىلىپ قالدى، بىز ھازىر شۇ ماللارنىڭ كىراسىنى بىرىپ بۇ ماللارنى باش شىركەتكە قايتۇرۇپ بەرسەك، باش شىركەتتىن بىزگە ماللارنىڭ پۇلىسىنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ، شۇڭا سىز مالنىڭ كىراسىغا پۇل بىرىڭ، بۇ ماللارنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئورنىدا بىر كۈن ساقلاپ بەرگەنلىكىگە 15 يۈەندىن ھىسابلاپ ھەق ئالىدىكەن، بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى 162 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ماللار ئىدى»دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، ئا* پۇل بېرىشنى دېگەن،ئا* ئالدىنقى قېتىمدىكى زىينىنى تولدۇرىۋېلىشنى ئويلاپ جاۋابكارغا ئىشىنىپ ، ئا**غا يەتتە قېتىمدا 59200 يۈەن نەق پۇل بەرگەن، جاۋابكار ئا** بۇ پۇللارنى توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن.كېيىن ئا**دىن شىركەتتىن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سورىغان ، ئا** كارتىسىنىڭ قۇلۇپلىنىپ قالغانلىقىنى يەنە پۇل سېلىپ سىناپ بېقىشنى باھانە قىلىپ يەنە 1000 يۈەن ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇلنىمۇ توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋابكار ئا** مال سالىدىغان شىركەتكە ئەزا بولسىڭىز پۇلنى ھەركۈنى 5000 يۈەندىن قايتۇرۇپ بېرىدىكەن دەپ زىيانلانغۇچى ئا* ئالداپ ئا* تۇغقىنى مە* ئۈندىدارى(ئۈندىدار نۇمۇرى: ********1، ئۈندىدار ئىسمى: **阿) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى: ********1،ئۈندىدار ئىسمى: *** S بولغان ئۈندىدارىغا 12044 يۈەن يۆتكۈگۈزۈپ ئالداپ ئېلىۋېلىپ، توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا جاۋابكار ئا** ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ ئالتە نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 206082 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، بۇنىڭدىن ئىككى نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 6600 يۈەن زىينى ئەسلىگە كەلگەن، تۆت نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 199482 يۈەن زىينى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1.يازما ئىسپات 2.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا 2-تۈر بەلگۈلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش؛ جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر
2020-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۈچ توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى 2. جاۋاپكار ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论