ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※ب ج ئە (2020) ** –نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئويغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:******** 65010419860، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەكتەپ مەلۇماتلىق، دۆلەت ** ئىدارىسى ** توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى خىزمەتچىسى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھەر ** رايونى ** جەنۇبى يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: خوتەن شەھىرى ** يولى **-رايۇن **-بىنا **-ئۆيدە. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا** ئوغۇرلۇق جىنايى دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى **–ئاينىڭ **-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات) نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 17:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولىدىكى «S**» دۇكىنى ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گو** 1800.00 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك OPPOماركىلىق R11S تىپلىق (64G) يانفۇنىنى ئوغۇرلاپ كېتىپ، زاڭ مالنى سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، ئوغۇرلانغان يۇقارقى يانفون تۇتۇپ قېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جاۋابكار ئا** 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تېلىفۇن ئارقىلىق چاقىرتىپ كېلىنىپ تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1.يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا** نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گو ** ئېلىنغان دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. گۇۋاھچى ماxx دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار ئا** نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنىڭ قىممىتىنى باھالاش يەكۈنى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىش، قايتۇرۇش تىزىملىكى، جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا** نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئابدۇراخمان
مۇۋەققەت تەپتىش: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 5–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئا** ھازىر كېپىلدە.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论