欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某盗窃案(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                            ئا ش ت ج ئى 2-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 513-نۇمۇرلۇق

   ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار ئاxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1991-يىلىxxئاينىڭxxكۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx 6529271991، ھازىرقى ئادرىسى: شىنجاڭ xx ناھىيە xx يېزىسى xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپىي يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

  قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

  جاۋاپكار ئاxx 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى زىيانلانغۇچى يxxنىڭ ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-ئۆيىدە زىيانلانغۇچى يxx ۋە يxxنىڭ بىر قانچە دوسلىرى بىلەن سەھەر سائەت 3:30لەرگىچە ھاراق ئىچىكەندىن كېيىن باشقىلار ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتكەن، ئاندىن زىيانلانغۇچى يxx ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە جاۋاپكارئاxx زىيانلانغۇچى يxxنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە ۋە يەرگە چېچىلىپ قالغان 12مىڭ يۈەن نەق پۇلى بىلەن بىر دانە 2700 يۈەن قىممىتىدىكى OPPO R17تىپلىق يانفۇنىنى ئوغۇرلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، رازىۋىتكا خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكارئاxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264– ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئوغۇرلۇقجىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋاپكار ئاxx بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىپ بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددابەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قۇشۇمچە 5000 يۈەن قۇشۇمچە ئىشتىراق قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش: ئالىمجان ئېزىز

ئېرپان ھامۇت

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئىزاھات:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى xxxxxxxx 156.

1.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top