欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某盗窃罪起诉书

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020) 164–نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئاxxx ،ئەر،ئۇيغۇر،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 652823xxxxxxx،ئوتتۇرا تىخنىكۇم مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى:دېھقان ،ئەسلىي يۇرتى،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيە xx يىزا xx كەنتى xx-گۇرۇپپا xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرى xx-ئولتۇراق رايون xx-بىنا xx-كورپۇسxx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 13-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن xx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .

xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاxxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى 11- ئاينىڭ30-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار  قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ،ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :   

2020-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئاxx xx ناھىيە xx بازىرى xx ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى پۇل يىغىش ئورنىدا(ئايالىنىڭ ئورنىدا) ئىشلەش جەريانىدا ،ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توختىتىقلىق تۇرغان جاڭxxنىڭ بىر دانە قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنىڭ توختىتىقلىق تۇرغانلىقى ئېگىسى يوق ئىكەنلىكىنى بايقاپ،بۇ توكسېكىلىتنى شەرىق تەرەپكە كۈزىتىش ئاپىراتى كۆرەلمەيدىغان يەرگە يوتكەپ توختىتىپ قويغان، ئاندىن ئىككى كۈن كۈزىتىش ئارقىلىق توختىتىقلىق تۇرغان ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنى ئىگىسىنىڭ ئەكەتمىگەنلىگىنى بايقىغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى xx ئولتۇراق رايونى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توختىتىقلىق تۇرغان توكسېكىلىتنى ئوغۇرلاپ باشقىلارغا سېتىۋېتىش مەقسىتىدە،ئۈندىداردىكى xx ئۇچۇر توپىدا ئىxx يوللىغان بىردانە 2-قول موتسېكىلىت ۋە توكسېكىلىت سېتىۋالىمەن دېگەن ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن،ئىxxنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇپ،ئۆزىنىڭ بىر دانە 2-قول توكسېكىلىت ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىxx بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ.2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى 13لەر ئەتىراپىدا،جاۋاپكار ئاxx ئىxxxنى باشلاپ xx ناھىيە xx ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ،توختىتىپ قويغان ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنى ئىxxغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئىxx جاۋاپكار ئاxxتىن توختىتىپ قويۇلغان توكسېكىلىتنىڭ رەسمىيەتلىرى ۋە ئاچقۇچى بار-يوقلىقىنى سورىغاندىن كېيىن،جاۋاپكار ئاxx ئىxxغا«باشقىلار ماڭا قەرز ئىدى،شۇڭا پۇلنى بېرەلمىگەچكە توكسېكىلىتىنى تۇتۇپ قالغان،توكسېكىلىتنىڭ ئاچقۇچى يۇتۇپ كەتتى،توكسېكىلىتتا بىرەر مەسىلە چىقسا مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەن »دەپ،ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا توختىتىقلىق تۇرغان توكسېكىلىتنى ئىxxغا 800يۈەنگە سېتىپ بەرگەن.ئىxx جاۋاپكار ئاxxتىن سېتىۋالغان توكسېكىلىتنى xx بازىرىxx يىزىغا ماڭىدىغان يول ئېغىزىدىكى xx بىناسىنىڭ ئاستىدىكى مەxxنىڭ رىمۇنىتخانىسىغا ئاپىرىپ ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنىڭ قۇلپىسىنى  ئالماشتۇرغان.ھەمدە ئىxx  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13لەر ئەتىراپىدا، ،مەxxنىڭ كونا توكسېكىلىتىنى 500يۈەنگە ھېساپلاپ،يەنە ئۇستىدىن 1000يۈەن پۇل ئىلىپ،جاۋاپكارئاxxتىن سېتىۋالغان توكسېكىلىتنى مەxxغا سېتىۋەتكەن. xx ناھىيلىك مال باھا مەركىزىنىڭ (2020) 017-نومۇرلۇق دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە يۇقارقى ئوغۇرلانغان ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنىڭ باھاسىنى 2450يۈەن دەپ بېكىتكەن. (زاڭ مال يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان) .

  يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .  

     مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : 

جاۋاپكار ئاxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقدارىدىكى 2450يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۇلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، ئۆغۇرلۇق جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك، جاۋاپكار ئاxx جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇچۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ،شۇڭا جاۋاپكار ئاxxغا ئايرىم شتراف قويۇش جازاسى بىرىپ ئاددى تەرتىپ بويۇنچە سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز،.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

                لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت

        2020- يىلى  11- ئاينىڭ  30- كۈنى .

ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.    

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top