欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

阿某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۆلۈم ئە چىقىش (2020)682-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇم؛ 65292419XXXXXXXXXX، نوپۇس ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت X-گۇرۇپ X-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، پارتىيە ئەزاسى، شىركەت ئىشچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، توي قىلغان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن سىڭلىسى ئارزىگۈل ساتتارگە كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى  9-ئاينىڭ30-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 435-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئابXX XX-يىلىX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 22:30لار ئەتىرپىدا، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنت تەۋەسىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا مXX، سەXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئۆيىگە كېتىش ئۈچۈن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新NX38XX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىتكىتىنى ھەيدەپ مېڭىپ ئەتىسى يەنى XX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى سەھەر سائەت 00:30 لەر ئەتىراپىدا XX ناھىيە XX يېزا XX كەنت X-گۇرۇپپا تەۋەسىدىكى يولدا كېتىۋېتىپ ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە پىيادا كېتىۋاتقان خەXX سۇقۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار ئاXX تېلېفونىنى ئېلىپ ئۆز كەنتىدىكى كەنت ساقچىسى ئەXX تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئادەم سوقۇپ قويغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئاXXنىڭ ھەر100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى129مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ 2019- يىلى10- ئاينىڭ02-كۈنىدىكى ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرىدە:« ئاXXرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىن ئېتىل ئالكوھول تەكشۈرۈپ چىقىلدى، ئۇنىڭ مىقدارى129mg/100ml» دەپ يەكۈن چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ھادىسە ئېتىراپنامىسى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئاXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ باشقىلارنى سوقۇپ قويغان قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلو سادىر قىلغاندا زىيانلانغۇچىنى قۇتۇلدۇرۇش تەرەپدارى بولغان ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ زىينىنى تۆلەش ۋە ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن. جاۋابكار ئاXX دېلو سادىر قىلغاندا ئۆز كەنتىدىكى ساقچىغا تېلېفون قىلىپ جىنايى قىلمىشىنى مەلۇم قىلغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تولۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار ئاXXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئاXXرغا 1 ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 2600 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش:  ئەXX

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ1-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېپىلدە، 

3) جاۋابكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top