شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020) 2–نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئاxxx،ئايال،ئۇيغۇر، xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxx0024،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى :ئىشچى،ئەسلىي يۇرتى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرى xxيولىxx-نۇمۇر xxx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا xx-ئىشىكxx-نۇمۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرى xxتوقۇمچىلىق زاۋۇتى ئىشچىلار ياتىقىدا ئولتۇرىدۇ ،2019-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىنغان،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئاxxxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى 1- ئاينىڭ 6-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ،ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈش سائەت 14 ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ئاxxx xx ناھىيە xx بازىرى xx سودا بازىرىنىڭ xx-قەۋەتxx-نۇمۇرلۇق كىيىم كېچەك سېتىش دۇكىنىغا ئۆزى يالغۇز كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن بېرىپ، شۇ دۇكاندىن بىر يۈرۈش كىيىمنى 500يۈەنگە سېتىۋالغان ۋە كىيىمنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بۇلۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۆزىنىڭ كونا كىيىملىرىنى سۇلىياۋ خالتىغا سېلىش جەريانىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى كارۋاتنىڭ ئۈستىدە تۆت دانە ئالتۇن ئۈزۈك تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، دۇكان خوجايىنى رايىلەم ساۋۇت دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ،كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى3743 يۇەن قىممىتىدىكى تۆت دانە ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن قۇشۇپ سۇلىياۋ خالتىغا سېلىپ ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن (زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :
جاۋاپكار ئاxxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى3743يۇەن قىممىتىدىكى مال –مۇلكىنى ئىلىۋالغان قىلمىشى«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ264-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن ،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنپى بويۇنچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ،شۇڭا جاۋاپكار ئاxxغا 3 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ،قوشۇمچە شتراف قويۇش ياكى ئايرىم شتراف قويۇش جازاسى بىرىپ ئاددى تەرتىپ بويۇنچە سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز .شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .
تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت
2020- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى .
ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论