شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۈلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 711-نومۇرلۇق
جاۋابكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، كەسپى: دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، نۇپۇستىكى ئادىرسى: شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گۇرۇپ xx-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرقى: شايار ناھىيە xx بازىرى xx يۇلى xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا x-كۇرپۇس xxx-نۇمۇرلۇق ئۆي. ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىغى ئۈچۈن، كېپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار مxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 784-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مxx 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:00لەر بىلەن شايار ناھىيە xx بازىرى «xx تائاملار شەھەرچىسى»دە ئاغىينىسى پxx قاتارلىق بىرنەچچە باللار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ، ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئولتۇرغاندىن كىيىن سۇرۇندىن تارقاپ چىقىپ، قايتىپ كىتىش ئۈچۈن «xx تائاملار شەھەرچىسى»نىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۈزىنىڭ新Nxxxxxنۇمۇرلۇق كۈمۈش رەڭلىك بەش كىلشىك ئائىلە ماشىنىسىنى ئۈزى يالغۇز ھەيدەپ، شايار ناھىيە xx بازىرى xx يۇلى بىلەن xx يۇلىنىڭ كىسىشكەن تۆت كوچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇ يەردە چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان شايار ناھىيە xx خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق مxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 137.08مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار مxxنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار مxxغا 1 ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 3000يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: رxx
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار كېىپىدە،
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论