欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某、阿某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-23 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت، 1-بۈلۈم ج، ئە، (2020) 293 –نۇمۇرلۇق

 ئاۋا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

 جاۋاپكار م****، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928*****3690، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە ** بازار ئۈستۈنكى ** كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2020-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.

جاۋاپكار ئا****، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652928******4371X، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە تامتوغراق بازار ئۈستۈنكى ئارال كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2020-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيلىك قاماقخانىغا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار م****، ئا****نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى4-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە، جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ھەمدە دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتا يوللىغاندىن كېيىن، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ۋە جاۋاپكارلارغا جىنايىتىنى تونۇسا يىنىك جازا بېرىلدىغانلىقىدەك قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكارلار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، جاۋابكار ئۆلچەنگەن جازاغا ۋە بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1›جاۋاپكار م**** ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى11-ئاينىڭ8-كۈنى كىچە سائەت10:00لار ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ئاۋات ناھىيە تامتوغراق بازىرى 16-كەنىت1-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئا****نىڭ قوي ئېغىلىدىن 4300يۈەن قىممىتىدىكى 4تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ موتوسىغا بېسىپ ئۆيىگە ئەكىلىپ تونۇمايدىغان بىرسىگە قوينى سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن ، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.  

2› جاۋاپكار م**** بىلەن جاۋاپكار ئا**** 2019-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى كەچ سائەت 23:00لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار م****نىڭ ئوغۇرلۇق قىلىش مەسلىھەتى بىلەن  جاۋاپكار ئا****نىڭ كۈمۈش رەڭلىك شىيەندەي ماركىلىق دالا ماشىنىسغا ئولتۇرۇپ ئاۋات ناھىيە يېڭئېرىق بازىرى 10-كەنت ئىتتىپاق دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى زىيانلانغۇچى ئو****نىڭ قوي قوتىنىغا بېرىپ ، جاۋاپكار م**** قوتان ئالدىدا قاراپ تۇرغان، جاۋاپكار ئا**** قوتانغا كىرىپ 5630يۈەن قىممىتىدىكى بەش تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ چىققان، جاۋاپكار م**** قوينىڭ پۇتىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ ماشىنىغا بېسىپ جاۋاپكار ئا****ىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئۈچ تۇياق قوينى جاۋاپكار ئا****ىڭ قوتىنىغا سولاپ، ئىككى تۇياق قوينى جاۋاپكار م**** ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە جاۋاپكار ئا**** بىلەن جاۋاپكار م**** ئوغۇرلىغان تۆت تۇياق قوينى باشقىلارغا سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، بىر تۇياق قوينى ئىككىسى بۈلۈشۈپ يەپ تۈگەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.  

3› 2019-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى جاۋاپكار م**** بىلەن جاۋاپكار ئا**** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، جاۋاپكار ئا****نىڭ كۈمۈش رەڭلىك شىيەندەي ماركىلىق دالا ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېچە سائەت 24:00 ئەتراپىدا دولان يېزا 4-كەنىت2-گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ھ****نىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ 5250يۈەتن قىممىتىدىكى تۆت تۇياق قوينى جاۋاپكار ئا****نىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ ئا****نىڭ ئۆيىدىكى قوتانغا سولاپ قويغان، ئەتىسى جاۋاپكار م**** بىلەن جاۋاپكار ئا**** ئوغۇرلاپ كەلگەن بۇ تۆت تۇياق قوينى ئىككسى سۇيۇپ گۆشىنى جاۋاپكار ئا****نىڭ كۈمۈش رەڭلىك شىيەندەي ماركىلىق ماشىنىسىغا بېسىپ ئاۋات بازىرى جىنشىيۇ جىياڭنەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدىغان خ**** ئىسىملىك ئايالغا بىر قوينىڭ گۆشىنى ساتقان، يەنە بىر قوينىڭ گۆشىنى ئاۋات بازىرى ئەسمەن سودا شەھەرچىسى ئىچىدىكى«يىڭى مۇقام ئائىلە زىياپەتخانىسى»نىڭ خوجايىنى ن****قا ساتقان، يەنە بىر قوينىڭ گۆشىنى ئاۋات بازىرى شىياڭتەي مىھمانخانىسنىڭ قارشى تەرىپىدىكى«ئەلرام خوگوخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئا****قا ساتقان، يەنە بىرقوينىڭ گۆشىنى «ئا*** جاۋماجىخانىسى»نىڭ خوجايىنى ھ****ىگە سېتىپ، پۇلنى بۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

4›  2019-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى جاۋاپكار م**** بىلەن جاۋاپكار ئا**** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە،كېچە سائەت 24:00ئەتراپىدا جاۋاپكار ئا****نىڭ كۈمۈش رەڭلىك شىيەندەي ماكىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئاقچېقىل باشقۇرۇش كومىتىتى**-مەيدان**-ئەترەتتىكى زىيالانغۇچى ر****نىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ، 5560يۈەن قىممىتىدىكى ئالتە تۇياق قوينى ئوغورلاپ چىقىپ جاۋاپكار ئا****نىڭ ماشىنىغا بېسىپ جاۋاپكار ئا****نىڭ ئۆيىدىكى قوتانغا سولاپ قۇيۇپ، ئەتىسى ئوغۇرلىغان قويلارنى ئىلگىرى ئۆزلىرى بىلەن بىر كەنىتتە ئولتۇرىدىغان قاسساپ ي****كە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن ، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .

5› 2019-يىلى12-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن جاۋاپكار م**** بىلەن جاۋاپكار ئا**** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، جاۋاپكار ئا****نىڭ كۈمۈش رەڭلىك شىيەندەي ماركىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ يېڭئېرىق بازىرى **-كەنىت **-گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ئو****نىڭ قوتىنىغا بېرىپ 2490يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچپ تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ جاۋاپكار ئا****نىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ يېڭئېرىق بازىرى 13-كەنىت كومتىتىنڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بىر تۇياق قوينى ناتونۇش بىرسىگە ساتقان، ئىككى تۇياق قوينى جاۋاپكار م****ىىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ بىر قوينىڭ گۆشىنى ئاۋات بازىرى ئەسمەن سودا شەھەرچىسى ئىچىدىكى« ي**** ئائىلە زىياپەتخانىسى»نىڭ خوجايىنى ن****قا ساتقان، يەنە بىر قوينىڭ گۆشىنى ئاۋات بازىرى شىياڭتەي مېھمانخانىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى«ئە*** خوگوخانىسى»نىڭ خوجايىنى ئا****قا سېتىپ، پۇلنى بۈلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن . 

      يۇقارقىلارنى ئومۇملاشتۇرغان جاۋاپكار م**** ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ شەخىسىلەرنىڭ 23230يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلۈكىنى ئوغۇرلىغان،زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن، جاۋاپكار م**** باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ شەخىسلەرنىڭ 18930يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان، زىيان ئەسىلىگە كەلمىگەن.

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1،يازما ئسىپات 2،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 4، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى 5،باھالاش پىكرى 6،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،خەرىتىسى،فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ،جاۋابكارلارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار م****، ئا****نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا 1-تۈر بەلگۈلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: خانئايىم يۈسەن

2020-يىلى7-ئاينىڭ14-كۈنى

   قۇشۇمچە: 1. 13پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى،بىر تال ئوپتىك دىسكا بىرگە يوللاندى. 2. جاۋابكارلار ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top