欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某交通肇事案

2021-09-24 独角龙 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  134-نۇمۇرلۇق

         ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار   مXX(باشقا ئىسمى مXX)، ئەر، ئۇيغۇر، 27ياش، كىملىك نۇمۇرى: XX652901، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرىX يېزا X كەنتى X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019– يىلى 8– ئاينىڭ 11– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى XX    جىنايىتى بىلەن گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىپ  قويۇلۇپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان . 2020-يىلى 5-ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن XX جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 2يىل 10ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

   2019-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 9دىن 10مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا ،جاۋاپكار مXX  ،X     新N  نۇمۇرلۇق ئاپتوموبىلنى ئاقسۇ شەھەر X يېزا بازار ئىچىدىكى يولدا غەرىپتىن -شەرىق يۆنىلىشتە سۈرئەت ئاشۇرۇپ  (بەلگىلەنگەن سۈرئەت 40كىلومىتىر سائەت، ئەمەلىي يۈرگەن سۈرئەت 49كىلومىتىر سائەت ) ھەيدەپ X يېزا يېزىلىق ھۆكۈمەت كېسىشمە تۆت كوچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە  زىيانلانغۇچى مXX جەنۇپتىن -شىمالغا قاراپ ھەيدەپ ماڭغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق  توكسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن ،زىيانلانغۇچى مXX 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان ،قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان .  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى قانۇن بۇيىچە ھادىسە مەسئۇلىيەتنامە بىكىتشنامىسى  چىقىرىپ جاۋاپكار  مXX ئاساسلىق مەسئۇلىيەت، زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى مXXقوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

          ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن جاۋاپكار مXX  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 110قوماندانلىق مەركىزىگە تېلفۇن ئۇرۇپ دىلو مەلۇم قىلغان  ھەم قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان .

         ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكار مXX زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيانلانغۇچىنىڭ دەپنە راسخوتى ئۈچۈن 20000يۈەن تۆلەپ بەرگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك ، جاۋاپكار مXX جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل ،قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا،69-ماددا، 67-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 1يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

                        تەپتىش : ئاXX

                        تەپتىش :جXX

                   2020-يىلى 7-ئاينىڭ  7-كۈنى

    ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  مXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .  

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،  جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

3>زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزى بار( بىرگە ئەۋەتىلدى)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top