欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某危险驾驶案(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                              ئا ش ت ج ئى 1-بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 712 -نۇمۇرلۇق

     ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار مxx ، ئەر،ئۇيغۇر،58 ياش ،كىملىك نومۇرى 6529011962xxxxxxxx :، تۇرۇشلۇق ئادرېسى:شىنجاڭ xx شەھەر xx بازار - xxكەنىت -xxگۇرۇپ -xxنۇمۇر، باشلانغۇچ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان ،پارتىيە ئەزاسى ئەمەس،توي قىلغان ، ئەقلىي-ھوشى جايىدا، ئىلگىرى جازالانمىغان،2020-يىلى03–ئاينىڭ 29-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەمدە ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

  جاۋاپكار مxx   2020-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۇنى سائەت 02:10 لەردە ، xx شەھەر   xx بازار xx مەللىسىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،شۇ يەرگە توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى پىراۋسىزھەيدەپ تەخمىنەن 50 مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىن ،  شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىلىپ  بىرىۋاتقان ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلق  جاۋاپكار مxxنى ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانللىنپ قېنىنى ئىلىپ تىخنىكىلق باھالاشقا يۇللىغاندا،  جاۋاپكار  مxxنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 207.22 مىللىگىرام (mg/100ml207.22) بۇلۇپ مەس ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن.

    يۇقارقى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار مxxنىڭ يۇقارقى قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133– ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق.

جاۋابكار مxx قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە بېرىلىدىغان جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 2 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا،  176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                                تەپتىش:  ئالىمجان ئېزىز 

                                          تۇرسۇنئاي ئەخمەت

                       2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىزاھات:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: xxxxxxxx 135، xxxxxxxx 135.

1.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top