欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2021) 9-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار مە XX، ئەر، ئويغۇر، XX19-يىلى XX-ئايىنڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX65292819، يۇرتى XX ناھىيە، نۇپۇسىتىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، ياردەمچى ساقچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۇنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مە XX نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكارغا جىنايەت ۋە جازانى تونىغاندا كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار دىلونى تىز ھۆكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جاۋابكار مە XX ئايالى بىلەن قېينىئاتىسىنىڭ ئۈيىگە مېڭىش جەريانىدا ئاۋات ناھىيىسى بېشرىق بازىرى چىڭلۇڭ پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا خالتىغا قاچىلاپ دۆۋلەپ قويغان قۇرۇق ياڭاقنى كۈرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىگە كىلىپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا ئۈزىنىڭ ۋۇلىڭ ماركىلىق 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېشرىق بازىرى چىڭلۇڭ پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ماشىنىسىنى پاختا زاۋۇتىدىن 100 مىتىر يىراقلىقتىكى ئاقسۇ ئاۋات چوڭ قارماي يولنىڭ قىرغىقىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ، چىڭلۇڭ پاختا زاۋۇتنىڭ ئالدىغا دۆۋلەپ قويغان زىيانلانغۇچى تۇ XX نىڭ 19 خالتا قۇرتۇلغان ياڭاقنى ماشىنىسىغا بېسىپ ئاقسۇغا ئاپىرىپ، ئاقسۇ خۇڭچىپودىكى قوشنىسى مە XX نىڭ ئۈيىنىڭ يېنىغا چۈشۈرگەن ھەمدە مە XX قا تىلغۇن قىلىپ ئۈيىدىن ياڭاق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ياڭاقنى سېتىپ بىرىشنى دىگەن. مە XX ماقۇل بۇلۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ ياڭاقنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى سەي كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا تۇنۇمايدىغان بىرەيلەنگە 4763 يۈەنگە سېتىپ، بۇ پۇلدىن 4300 يۈەننى ئۈزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار مە XX ئېتىپ بەرگەن، قالغان 373 يۈەننى ئۈزى ئېلىپ قالغان. جاۋابكار مە XX 4300 يۈەن پۇلنى ئۈزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:30 لار ئەتىراپىدا جاۋابكار مە XX ئىشلەۋاتقان يىرىدىن ئىشتىن چۈشۈپ، ئۈزىنىڭ ۋۇلىڭ ماركىلىق 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ بېشرىق بازىرى چىڭلۇڭ پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ماشىنىسىنى ئاقسۇ ئاۋات چوڭ قارماي يولنىڭ قىرغىقىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ، چىڭلۇڭ پاختا زاۋۇتنىڭ ئالدىغا دۆۋلەپ قويغان زىيانلانغۇچى تۇ XX نىڭ 21 خالتا قۇرتۇلغان ياڭاقنى ماشىنىسىغا بېسىپ ئاقسۇغا ئاپىرىپ، ئاقسۇ خۇڭچىپودىكى قوشنىسى مە XX نىڭ ئۈيىنىڭ يېنىغا چۈشۈرگەن ھەمدە مە XX قا تىلغۇن قىلىپ ئۈزىنىڭ ئۈيىدىن ياڭاق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ياڭاقنى سېتىپ بىرىشنى دىگەن. مە XX ماقۇل بۇلۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇ ياڭاقنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى سەي كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا تۇنۇمايدىغان بىرەيلەنگە 2741 يۈەنگە سېتىپ، 2000 يۈەننى ئۈزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار مە XX كە ئېتىپ بەرگەن، قالغان 741 يۈەننى ئۈزى ئېلىپ قالغان. جاۋابكار مە XX پۇلنى ئۈزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى جاۋابكار مە XX ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن ئارام ئېلىپ ئۈزىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى بېشرىق بازىرى سۇغىچى كەنتى 2-گۇرۇپتىكى ئۈيىگە قايتىش يولىدا بېشرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمرۇق كەنت 2-گۇرۇپتىكى رۇ XX نىڭ ھويلىسىغا قۇرۇتۇش ئۈچۈن يېيىپ قويغان ياڭاقنى كۈرۈپ ئوغۇرلاش نىيتىگە كىلىپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 1:30 لار ئەتراپىدا ئۈزىنىڭ ۋۇلىڭ ماركىلىق 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئاۋات ناھىيىسى بېشرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمرۇق كەنت 2-گۇرۇپتىكى رۇ XX نىڭ ئۈيىنىڭ يېنىدىكى قارماي يول بويىغا توختۇتۇپ، ئۈزى يالغۇز پىيادە چىلانلىق ئېتىزنىڭ ئىچى بىلەن مېڭىپ، ياڭاق دۆۋلەپ قويغان ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۈتۈپ، زىيانلانغۇچى ئى XX بىلەن ئى XX نىڭ خالتىغا قاچىلاپ قويغان ياڭىقىدىن 27 خالتا قۇرتۇلغان ياڭاقنى ماشىنىغا بېسىپ ئاقسۇغا ئاپىرىپ، ئاقسۇ خۇڭچىپودىكى خوشنىسى مە XX نىڭ ئۈيىنىڭ يېنىغا چۈشۈرگەن ھەمدە مە XX قا تىلغۇن قىلىپ ئۈزىنىڭ ئۈيىدىن ياڭاق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ياڭاقنى سېتىپ بىرىشنى دىگەن. مە XX ماقۇل بۇلۇپ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بۇ ياڭاقنى ئاقسۇ شەھىرىدىكى سەي كۆكتات توپ تارقىتىش بازىرىدا تۇنۇمايدىغان بىرەيلەنگە 4744 يۈەنگە سېتىپ، 4000 يۈەننى ئۈزىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار مە XX كە ئېتىپ بەرگەن، قالغان 744 يۈەننى ئۈزى ئېلىپ قالغان. جاۋابكار مە XX پۇلنى ئۈزىنىڭ شەخسى ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

جاۋابكار مە XX جەمئى ئۈچ قېتىمدا زىيانلانغۇچى تۇ XX نىڭ 10037 يۈەن قىممىتىدىكى 743.5 كىلوگىرام قۇرتۇلغان ياڭىقىنى، زىيانلانغۇچى ئى XX نىڭ 7357 يۈەن قىممىتىدىكى 545 كىلوگىرام قۇرتۇلغان ياڭىقىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، جەمئى ئورغۇرلۇق قىلغان سوممىسى 17394 يۈەن، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›ماددى ئسپات 2›يازما ئىسپات 3› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 4› گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 5›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 6› باھالاش پىكىرى 7› نەق مەيدان چارلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى 8› ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار مە XX نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، ئوغۇرلۇق جىنايتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكار مە XX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىللىك قىلىش كىرەك، جاۋابكار مە XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار مە XX كە مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھەمدە جەرىمانە قويۇش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا

                    دىلشات مۇتەللىپ

2021-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى.

2›جاۋاپكار مە XX ئائىلىسىدە.

3›جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى (بىر پارچە)

4› نۇر دىسكا 5 تال (ماس قەدەملىك ئۈن- سىن سوراق خاتىرسى، دىلو ماتىريالى)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top