欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

麦某某盗窃案

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                     ل ت ج ئەيىپلەش1-بولۇم(2020) 3-نومۇرلۇق  

 جاۋاپكار مەxxx ،ئەر،ئۇيغۇر،1981-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxباشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،ئەسلىي يۇرتى،ھازىرقى ۋە نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى:شىنجاڭxxناھىيە xx يىزا xx چارۋىچىلىق مەيدانى xx جەنۇبىي يولى xx-نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قانۇن بۇيىنچە قولغا ئېلىنغان،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار مەxxxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلۇسىنى 2020-يىلى 1- ئاينىڭ 6-كۈنى، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار  قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ،ھەم دىجۇرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئىلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇلۇپ ئاياقلاشتۇرۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە :   

  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4لەر ئەتىراپىدا،جاۋاپكار مەxxx يېرىم كېچىدە،ئوزى ئىشلەۋاتقان xxx ناھىيە xxx يىزا xxx باغ كەنتتىكى xxx ئوردا ئارامگاھتا باشقا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،xxx ئوردا ئارامگاھنىڭ ئىچىدىكى پۇل يىغىدىغان پوكەينىڭ ئىچىدىكى پۇل سالىدىغان قەلەي ساندۇقنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن قايرىپ ئېچىپ،قەلەي ساندۇقنىڭ ئىچىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ،قەلەي ساندۇقتىن 2200يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلىغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4لار ئەتىراپىدا،جاۋاپكار مەxxx يېرىم كېچىدە ئارامگاھتا باشقا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن،ئارامگاھنىڭ ئىچىدىكى پۇل يىغىدىغان پوكەينىڭ ئىچىدىكى پۇل سالىدىغان قەلەي ساندۇقنىڭ ئىچىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ،قەلەي ساندۇقتىن 500يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلىغان.جاۋاپكار مەخمۇت قۇربان ئوغۇرلىغان 2700يۈەن نەق پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن.(زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان)

  يۇقارقى جىنايەت پاكىتلارنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .  

     مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : 

جاۋاپكار مەxxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى2700يۇەن پۇلىنى ئىلىۋالغان قىلمىشى«جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ264-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە پاكىت ئېنىق ، دەلىل – ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويۇنچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۇرۇشتۇرۇش كىرەك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 15- ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن ،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنپى بويۇنچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ،شۇڭا جاۋاپكار مەxxغا 6 ئايدىن توۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ،قوشۇمچە شتىراف قويۇش ياكى ئايرىم شتراف قويۇش جازاسى بىرىپ ئاددى تەرتىپ بويۇنچە سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز .شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

                لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

تەپتىش :ئەنۋەر ئابلەت

        2020- يىلى  1- ئاينىڭ 13- كۈنى .

ئىزاھات : دېلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top