شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئـەيىبنـامىسـى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 443-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار غ XX ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نومۇرى: 6529271994XX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: XX ناھىيە، ئولتۇرقى: XX ناھىيە XXيېزا 6-كەنىت 1-گۇرۇپ، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى XXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىكىگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلسىدە.
ئXXشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى (2019) 1558-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە
جاۋابكارغ XX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر 7-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىغا توختۇتۇپ قويغان新A3XXنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ XX شەھەر XXئوتتۇرا مەكتەپ تۆت دوقمۇشقا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرگەندە جاۋابكارغ XXنىڭ 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 168.54 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ
مـەھكىمىمىز جاۋابكارغ XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكارغ XX جىنايى قىلىمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، جاۋابكارغ XXنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلىگەن.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش پىكىرنامىسى، بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论